欧美男星 قەھۋە ۋاقتى | 2018.03.01
咖啡时间9
517 阅读
创作不易,用心坚持,欢迎请BaGua喝几杯爱心咖啡!


Don McLean - Vincent
***

- 357 -

مارتقا كىردۇق
...
يۈرۈڭلار،
كەلمىشىمىزنىڭ
پۈچەك ئۇرۇقلىرىنى
كەتمىشىمىزنىڭ داق يەرلىرىگە
تېرىپ قويايلى.
چۈشلىرىمىز
ئۈنۈپ چىقسۇن
ئۈچقۇلاق بولۇپ.
بىز ئارىسىدىن
تىمسىقىلاپ
تۆتقۇلاق ئىزدەيلى.
بىز
ھاياتنىڭ داستۇرخىدىكى
كۆك چۆچۆرىلىرى
قاتار تېزىلىشتۇق
ۋاقىتنىڭ ئىشتىھاسى ئۈچۈن.
ئاي ساناپ
كۈن ساناپ
مارتقا كىردۇق،
ئاندىن
قېلىن كېيىملەرنى سېلىپ تاشلىدۇق
كۈنلەرنى يەڭگىلرەك ساناش ئۈچۈن.
- تاشپولات روزى ئەزىز
2018 – يىلى 1- مارت

创作不易,用心坚持,欢迎请BaGua喝几杯爱心咖啡!
坐下,与心喝一杯咖啡 | Sit down and have a cup of coffee with your heart
发表评论