قەھۋەۋاقتى | 2017.10.25

قەھۋەۋاقتى | 2017.10.25

CoffeeTime9 欧美男星 2017-10-25 22:45:48 397

Enrique Iglesias - Hero

****


- 285 -


ئۆتكەندە مەلۇم يازمامنىڭ ئاستىغا بىر قەھۋەخور : قەھۋەكا، مەن يېقىندىن بۇيان بىر ئىشتا تولىمۇ دىلىغۇل بولىۋاتىمەن، بىرەيلەنگە ئېيتماقچى بولغان نۇرغۇن سۆزلىرىم بار ئىدى، لېكىن ھەرقېتىم ئۇنى كۆرگەندە ئېيتالمايمەن، ئىيتايمۇ – ئېيتمايمۇ ؟ زادى قانداق قىلىشىنى بىلەلمىدىم ، قانداق قىلسام بولار ؟ - دېگەندەك مەزمۇندا (ئېسىمدە شۇنداغراق قاپتۇ)  سۆزقالدۇرۇپ قويۇپتىكەن ، مەن ئۇنىڭغا : يا ئېيتىشنىڭ ئامالىنى تېپىڭ، ياكى ئېيتماسلىقنىڭ قارارىنى ... – دەپ جاۋاب قايتۇرغان ئىدىم. 


ئەمەلىيەتتە، كۆپ ساندىكىلىرىمىزنىڭ ھاياتىدا مۇھىم بۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ كېلىدىغان پۇرسەتلەر دەل مۇشۇنداق دېلىغۇل كەيپىيات تەرىپىدىن ئىسراپ قىلىۋىتىلىدۇ.

 بىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىمىز تەبىئەت دۇنياسىدىكى باشقا ھەرقانداق بىر جانلىقنىڭ سەزگۈرەشتىسىدىن مۇرەككەپ بولىدۇ، چۈنكى بىز قانداقتۇر ئىرسىي ياكى مۇھىت يېتىلدۈرگەن سىتىخىيلىك ئىنكاسلاربىلەن  ئەمەس، ئىدراك ۋە تولىمۇ سىرلىق بولغان ھىسسىي ئىنكاسلارغا تايىنىپ ئۆز-ئارا ھاياتلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ھاسىل قىلىمىز. شۇڭا ھەرقانچە بىمالال بولغان تەقدىردىمۇ ھاياتىمىزدىكى ھەربىر ھادىسگە، ھەربىر ئادەمگە  ئۇدۇللا يېقىنلىشىشىمىز ئۇنداق ئاسان ئەمەس، تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئادەملەر قارىماققا شۇنچە ئەركىن –ئازادە كۆرۈنسىمۇ، كۆپىنچىسىنىڭ ھېكايىسى ئارزۇسىدىكىدەك يېشىمگە نائىل بولالمايدۇ.

 بۈگۈنكى ھاياتىمىز ئەتە ھېكايىمىزگە ئايلانغاندا ، ناۋادا بۇ بۆلەكنى مۇنداق يازغان بولسامچۇ ؟ دەپ ئويلىساقمۇ بەرىبىر ، چۈنكى ھاياتىمىزدىكى ھەربىر ھېكايىمىزدە ئاقىۋەت ۋە نەتىجىلا باركى ، تۈزىتىپ يېزىش ئىمكانىيىتىمىز يوق.

 تۇرمۇشقا  مۇستەقىل قەدەم قويغىنىمىزدىن باشلاپ، بىزنىڭ ئىچكى دۇنيارىمىز بىلەن رىئاللىقنىڭ ئارىلىقى نەقەدەر يېراق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز، روھى ئاجىزلىق بىزنى دەل ئاشۇ خىلۋەت دۇنيارىمىزدىن سىرتقى دۇنياغا تۇتىشىدىغان ئۆتۈشمە يول ئېغىزىدا ھالسىرىتىپ قويىدۇ، ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. 

لېكىن بىز ئېرىشمەكچى بولغان نىممەتلەر، يەتمەكچى بولغان مەنزىللەر ھامان  بىزنى ھالسىزلاندۇرغان ئەندىشە ۋە دىلىغۇل كەيپىياتىمىزنىڭ ئۇ تەرىپىدە بىزنى ساقلاپ تۇرىدۇ، شۇڭا كەسكىن قارار چىقىرىش لازىم : يا داۋاملىق ماڭ، ياكى بولدى قىل ! 

داۋاملىق ئالدىغا ماڭساق بىرنەرسىنى بايقايمىز، ناچار كەيپىيات بىزنى توسۇپ باقىدۇ، دىلىغۇللۇق ئۈمىدسىزلىك خەندەكلىرىنى كولاپ باقىدۇ، لېكىن ھامان بىز گە تەسلىم بولىدۇ، بولدى قىلساقچۇ ؟ ئۇنداقتا، بىرئۆمۈرلۈك دىلىغۇللۇق ئۈچۈن ، بىرمەزگىللىك ئارام تېپىپ قىلىشمىز مۇمكىن ياكى باشقىچە بىر تەقدىر يۈز بېرىشى مۇمكىن ... 

ئەيتاۋۇر ئىستەكلەرگە نىيەت قىلغاندا ، دادىللىق ھامان دىلىغۇللىقتىن ئەۋزەل .


- تاشپولات روزى ئەزىز





خەيرلىك كەچ







取消

感谢您的支持鼓励,我会继续努力的!

文章地址:

用户邮箱:

打赏金额:USDT

点击”去打赏“,即可进行打赏支持本文章哦

发表评论