قەھۋە ۋاقتى | 2017.12.19
Lionel Richie - Hello
****
- 326 -
ساڭا كېرىكى نېمە ؟
ناۋادا دوستلۇق، مۇھەببەت ياكى دىل ئاراملىقى ، روھ بىمالاللىقى ئىزدەۋاتقان بولساڭ ، ئۇنداقتا سېنىڭ ئۇنچە كۆپ تەپسىلاتنى بېلىشىڭنىڭ قىلچىمۇ زۆرۆرىيىتى يوق، بولدى قىل، قەدەملىرىڭنى توختاتقىن، سەن شۇتاپتا ئۆز كۆڭلۈڭنىڭ ئىستەك چىگرىسىدا ئايلىنىپ يۈرمەكتىسەن، بەلكىم ئېرىشكەنلىرىڭنى «بارچە» دېگەن سۆزبىلەن سۈپەتلىمەك كېرەكتۇ، قانائەت قىل. خۇشاللىق ئىستىكى چەكسىز بولغان بىلەن خۇشاللىق ئېڭىزلىرى چەكلىكتۇر.
ناۋادا دۈشمەنلىك، نەپرەت تۇيغۇسى ياكى دىل ئازارى، روھ مالاللىقى ئىزدەۋاتقان بولساڭ، ئۇنداقتا ئېرىشكەن تەپسىلاتلىرىڭ مەڭگۈ كەمچىلدۇر، داۋاملىق ئىزدە، توختاۋسىز مالتىلا ، دىلىڭدىكى ئارامسىز غەليانلارنىڭ ئارقسىدىن كېتىۋەر، قانائەت پاسىلىدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن سېنى ئازابلىيالايدىغان بارچە نەرسىلەرگە ئېرىشىسەن...
ھەقىقى چۈشىنىش – ئۇ بىز ھېچ مۇددىئاسىز تۇرغان پەيتتە، ۋۇجۇدلار ئارا روھ زەررىچىلىرى ئۆتۆشىدىغان ساماۋىي جەرياندۇر.
ـــــــــــ تاشپولات روزى ئەزىز
كۆزۈڭنى يۇم،
كۆزگە ئايلانسۇن كۆڭۈل.
- رۇمى
- بۈگۈنكى قەھۋە ۋاقتىنى قوللىغۇچى -
تەپسىلاتى ئىككىنچى بەتتە
感谢您的支持鼓励,我会继续努力的!
点击下方按钮,即可进行打赏支持本文章
发表评论