سېلىن دىيون، 1968-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى، كانادا كۇۋېبېك ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان، كانادالىق ناخشىچى، 15 يېشىدا تۇنجى فىرانسۇزچە ناخشىسىنى ئېيتقان، 1990-يىلى ئېنگىلىزچە «UNISON» ناملىق پىلاستىنكىسىنى چىقارغان، 1996-يىلى ئامېرىكا ئاتلانتا ئولىمپىك يېغىنىنىڭ باش ناخشىسى «The Power of The Dream» نى ئېيىتقان، 1997-يىلى «تىتانىك» نىڭ ئاياغلىشىش ناخشىسى «My Heart Will Go On» نى ئېيتقان، 2016-يىلى 7-ئايدا «فوربېس» ئېلان قىلغان يەر شارىدىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى ئايال ناخشىچىلار ئىچىدە 27 مىليون دوللارلىق كىرىمى بىلەن 10-ئورۇنغا تىزىلدى.
شانىيا تىۋايىن، 1965-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى كانادا ئونتارىئو ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان، كانادا سەھرا ناخشىچىسى، 1993-يىلى 4-ئايدا ئۆزىنىڭ تۇنجى ناخشا پىلاستىنكىسى «Shania Twain» نى تارقاتقان، 1999-يىلى « You're Still the One» ناملىق ناخشىسى بىلەن 41-نۆۋەتلىك گىرەممىي مۇكاپاتىنىڭ «ئەڭ ياخشى سەھرا ناخشىسىنىڭ ئايالچە ئاۋازى» ۋە «ئەڭ ياخشى سەھرا ناخشىسى» قاتارلىق ئىككى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، 2016-ئايدا 7-ئايدا «فوربېس» ئېلان قىلغان دۇنيادىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى ئايال ناخشىچى تىزىملىكىدە شانىيا 28 مىليون دوللارلىق كىرىمى بىلەن 9-ئورۇنغا تىزىلغان.
بىرىتنىي سىپرىس، 1981-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ئامېرىكا لۇئىزىيانا ئىشتاتىدا تۇغۇلغان، ئايال ناخشىچى، ئارتىس. كىچىك ۋاقتىدا تېلېۋىزىيە پىروگىراممىسى «مىكى چاشقان كۇلۇبى» غا قاتنىشىپ ئارتىسلىق ھاياتىنى باشلىغان، 1999-يىلى بىرىتنىي تۇنجى پىلاستىنكىسىنى تارقىتىپ، پىلاستىنكىسىدىكى «.Baby One More Time» ناملىق ناخشىسى بىلەن داڭق چىقارغان، 2001-يىلى ئۇ ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابېت 2 ئۇنىڭغا سېر ئۇنۋانى بەرگەن، ئالىكساندىرا مەلىكە ئۇنىڭغا خان جەمەتىنىڭ شەرەپ ئوردېنى بەرگەن، 2016-يىلى 7-ئايدا «فوربېس» ئېلان قىلغان دۇنيادىكى يۇقىرى كىرىملىك ئايال ناخشىچىلار تىزىملىكىدە بىرىتنىي سىپرىس 30 مىليون 500 مىڭ دوللارلىق كىرىمى بىلەن 8-بولغان.
جەننىفور لوپېز، 1969-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى ئامېرىكا نىيويورك شەھرىدە تۇغۇلغان، ناخشىچى، ئارتىس، 1986-يىلى «كىچىك قىزچىقىم» فىلىمىدە بىر كىچىك رول ئېلىپ سەنئەت ساھەسىگە كىرگەن، 1990-يىلى جېننىفېر لوپېز «ھاياتنىڭ رەڭگى» تىياتىرىدا رول ئېلىپ داڭق چىقارغان، 2005-يىلى جەننىفور لوپېز ئۆزىنىڭ ناخشا پىلاستىنكىسى «يېڭى ھايات» نى چىقىرىپ، «ئاق ئالتۇن پىلاستىنكا» دەپ ئاتالغان. 2016-يىلى 7-ئايدا «فوربېس» ئېلان قىلغان دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى كىرىملىك ئايال ناخشىچى تىزىملىكىدە جەننىفور لوپىز 39 مىليون 500 مىڭ دوللارلىق كىرىمى بىلەن 7-ئورۇنغا تىزىلغان.
كەتىي پېررىي، 1984-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ سانتا باربارادىن، ئامېرىكىلىق مودا ئېقىم ناخشىچى، ئارتىس، 2007-يىلى «Ur So Gay» بىلەن نام چىقارغان، 2008-يىلى «One of the Boys» ۋە2010-يىلى ئىككىنچى پىلاستىنكىسى «Teenage Dream» نى تارقاتقان، 2016-يىلى 7-ئايدا «فوربېس» ئېلان قىلغان 10 يۇقىرى كىرىملىك ئايال ناخشىچىلار تىزىملىكىدە 41 مىليون دوللارلىق كىرىمى بىلەن 6-بولغان.
بىئونىسى جىسېل نوۋلىس، 1981-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكا تىكساس ئىشتاتىنىڭ ھىيۇستوندا تۇغۇلغان، ئامېرىكىلىق ئايال ناخشىچى، 2003-يىلى تۇنجى پىلاستىنكىسى «Dangerously in Love» ۋە 2006-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى «B'Day» ناملىق پىلاستىنكىسى بىلەن بىلبوردتىكى 200 كۈچلۈك پىلاستىنكىنىڭ بېشىغا تىزىلغان، 2016-يىلى 7-ئايدا «فوربېس» ئېلان قىلغان يۇقىرى كىرىملىك ئايال ناخشىچىلار تىزىملىكىدە 54 مىليون دوللارلىق كىرىمى بىلەن 5-ئورۇنغا تىزىلغان.
روبىن رىھاننا فېنتى، 1988-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى باربادوستا تۇغۇلغان، ئامېرىكىدا تەرەققىي قىلىۋاتقان باربادوسلۇق ئايال ناخشىچى، ئارتىس، مودېل، 2005-يىلى 8-ئايدا تۇنجى پىلاستىنكىسى«Music of the Sun» بىلەن ناخشا ھاياتىنى باشلىغان، 2016-يىلى 7-ئايدا «فوربېس» ئېلان قىلغان يۇقىرى كىرىملىك ئايال ناخشىچىلار تىزىملىكىدە 75 مىليون دوللارلىق كىرىمى بىلەن 4-بولغان.
مادوننا سىككون، 1958-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئامېرىكىنىڭ مىچىگان ئىشتاتىدا تۇغۇلغان، ئايال ناخشىچى، ئارتىس، 1983-يىلى مادوننا ئۆز ئىسمىدىكى تۇنجى پىلاستىنكىسى «Madonna» نى تارقاتقان، ئاندىن ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ناخشا كېچىلىكىنى قىلغان، 2012-يىلى 1-ئايدا مادوننا «W.E» بىلەن 69-نۆۋەتلىك ئالتۇن شار مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى فىلىم ئىجادىي ناخشىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، 2016-يىلى 7-ئايدا فوربېس ئېلان قىلغان يۇقىرى كىرىملىك ئايال ناخشىچىلار تىزىملىكىدە 76 مىليون 500 مىڭلىق كىرىمى بىلەن 3-ئورۇنغا تىزىلغان.
ئادەل ئەدكىنىس، 1988-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى لوندون توتىنھامدا تۇغۇلغان، مودا ناخشىچى، 2008-يىلى ئادەل ئۆزىنىڭ تۇنجى پىلاستىنكىسى «19» نى تارقاتقان، ئەينى يىلى مېركۇرىي مۇزىكا مۇكاپاتىدا ئىسمى ئاتالغان، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا 9 مىليوندىن ئوشۇق سېتىلغان، 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۆزىنىڭ 3- پىلاستىنكىسى «25» نى تارقاتقان، تۇنجى ھەپتىسىلا 800 مىڭ ۋە 3 مىليون 380 مىڭلىق ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكىدا سېتىلىش رېكورتى ياراتقان، 2016-يىلى 7-ئايدا فوربېس ئېلان قىلغان يۇقىرى كىرىملىك ئايال ناخشىچىلار تىزىملىكىدە 80 مىليون 500 مىڭ دوللارلىق كىرىمى بىلەن 2-بولغان.
تايلور سىۋىفىت.1989-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدا تۇغۇلغان، ئامېرىكىلىق مودا مۇزىكا، سەھرا مۇزىكىلىرىنىڭ ئىجادىي ناخشىچىسى، 2006-يىلى مۇستەقىل پىلاستىنكا شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالىغان، تۇنجى پىلاستىنكىسى «تايلور سىۋىفىت» نى تارقاتقان، 2014-يىلى 5-پىلاستىنكىسى «1989» نى تارقاتقان، تارقاتقان تۇنجى ھەپتىسىدە 1 مىليون 280 مىڭ پارچە سېتىلىشتەك ئەڭ يۇقىرى رېكورتىنى ياراتقان، تايلور بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا تارىخىدىكى بىردىنبىر ئۈچ پىلاستىنكىسى تۇنجى ھەپتىسىدىكا مىليون پارچە سېتىلغان ئايال ناخشىچى بولۇپ قالغان، 2016-يىلى 7-ئايدا «فوربېس» ئېلان قىلغان 10 يۇقىرى كىرىملىك ئايال ناخشىچىلار تىزىملىكىدە 170 مىليون دوللارلىق كىرىمى بىلەن بىرىنچى بولغان.