ئېچىلىۋاتىدۇ سەل تەخىر قىلىڭ...
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
كۆپىنچە بالىلار ئاتا-ئانىسىنى دوراپ باقىدۇ، بەزى دادىلار بولسا ئۆز بالىلىرىنىڭ <ئەخمىقانە، قىزىقارلىق> قىلىقلىرىنى دوراپ بالىسىنى مازاق قىلىشى مۇمكىن، بىراق ھەممە ئادەمنى شۇنداق قىلىدۇ، دېگىلىمۇ بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. يېقىندا ئامېرىكىلىق بىر ئەر ئىككى بالىسىنى دوراپ سۈرەتكە چۈشۈپ توردا تېزلا داڭق چىقاردى. بۇ ئەر ئامېرىكا ۋاشىنگىتون شەھىرىلىك بولۇپ، بالىلىرىنىڭ سۈرەتلىرىگە ئوخشىتىپ تۇرۇپ سۈرەتكە چۈشكەن.
بۇ ئەرنىڭ ئىسمى كىرىس (Chris) بولۇپ، ئۇ قىزى ۋە ئوغلىنىڭ ھالىتىگە ئوخشاش دوراش ئۈچۈن ئالاھىتەن كىيىم سېتىۋالغاندىن باشقا يەنە، گىرىم قىلىپ، بەدىنىگە چەكمە <چەككۈزۈپ>، چىرايىنى قىزى ۋە ئوغلىغا ئوخشاش پۈرۈشتۈرۈپ، تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ سۈرەتكە چۈشكەن، ئۇ مۇنداق دېدى:<مەن بەك كۆپ ئىشلارنى ئويلاپمۇ ئولتۇرمىدىم، بىراق قىزلىرىمنىڭ بەدەن چەكمىسىگە ئوخشىتىپ قەلەم بىلەن سىزىۋالغان يەرنى ئۈچ كۈن يۇيۇپ ئاران چىقىرالىدىم.>
كىرىسنىڭ قىزى كەسسي (Cassie) ئالاقە تورىدا بۇ سۈرەتلەرنى يوللاپ، دادام دائىم مېنىڭ ھالىتىمنى دوراپ سۈرەتكە چۈشىدۇ، دەپ قاقشىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ سۈرەتلەرنىڭ ھەمبەھىرلىنىش قېتىم سانى 15 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن.
قىزى ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىپ تورغا يوللىدىمۇ، كىرىسمۇ دەرھال ئۇنى دوراپ سۈرەتكە چۈشىدۇ ۋە دەرھاللا تورغا يوللايدۇ.
كىرىس مۇنداق دېدى: <مەن قىزىمنىڭ شۇنداق تەنناز ۋە چىرايلىق سۈرەتلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇنداق بەك ئوچۇق سۈرەتلەرنى تورغا يوللىماڭ، دەي دېسەم خىجىل بولدۇم، شۇنىڭ بىلەن باشقىچە ئۇسۇل تېپىپ چىقتىم، ئۇ ئۇسۇل دەل ئۇنى دوراش ئىدى.>