كىم بىلەن ناخشا ئېيتسا شۇنىڭ نامىنى چىقىرىدىغان ناخشىچى- Pitbull

كىم بىلەن ناخشا ئېيتسا شۇنىڭ نامىنى چىقىرىدىغان ناخشىچى- Pitbull

UySalon 欧美男星 2018-06-29 20:44:25 535

ئەرزان باھادا ئېلان قوبۇل قىلىمىز : 

ئۈندىدار : SodaQambirki

ناخشا مەستانىلىرى تەرىپىدىن «دۇنيا ئەپەندىسى» دەپ ئاتىلىدىغان ئامېرىكا رەپ ناخشىچىسىي Pitbull بۇيىل يازدا يەنە جۇڭگوغا كېلىپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنجېن قاتارلىق بەش شەھەردە سەييارە ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزمەكچى.

كۇبالىقلار پۇشتىدىن بولغان 35 ياشلىق Pitbull  غا ئۇنىڭ لاتىن قان سېستسمىسى بۆلەكچە قىزغىنلىق ۋە جۇشقۇنلۇق ئاتا قىلغان. 2011-يىلى NE-YOبىلەن ھەمكارلىشىپ ئېيتقان «Give Me Everything» ناخشا تۇنجى قېتىم ئامېرىكا Billboard تاختىسىدا چىمپىيون بولغاندىن بۇيان، Pitbull مۇۋەپپەقىيەت يولىدا ئارقىغا قاراپ سالمىدى. Pitbull نىڭ ناخشىلىرىنىڭ تېكىستى ئاددىي، ئوچۇقلىقىدىن كىشىنىڭ كۈلگىسى كېلىدۇ، MVلىرىمۇ  «ۋودكا، تاقىر باش، سەتەڭ قىز» ئۈچ نەرسىدىن ھالقىيالمايدۇ، لېكىن بۇلار Pitbullنىڭ دۇنيا مىقياسىدا نام چىقىرىپ، بەزمىخانا ناخشلىرىنى مونوپول قىلىۋالغان ئىسمى-جىسمىغا لايىق «بەزمىخانا شاھى» بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزەلمىدى. ھەتتا دۇنيا لوڭقىسىنىڭ باش ناخشىسنىمۇ ئېيتىپ، ئۆزىنى بىر يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.  يەنە بىر تەرەپتىن  R&B گىگانت چولپىنى NE-YO، Usher، لاتىن ئۇسسۇل ناخشىچىسى Enrique Iglesias،  ۋە شاكىرا، جېننىفېر لوپىز، Christina Aguilera،Ke$ha، رۇمنىيە ناخشىچىسى Inna، بوللىۋود چولپىنى پرىيانكا چوپرا ......قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى داڭلىقلار بەس-بەستە Pitbull  بىلەن ھەمكارلاشتى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، پەقەت feat. Pitbull    (ھەمكارلاشقان) ناخشا بولسىلا بولسىلا ھەرقانداق ناخشا چوقۇم ھەرقايسى ناخشا تاختىلىرىنى ئىگەللەپ، پۈتكۈل دۇنيا مۇزىكا بازىرىنى قاپلىيالايدۇ. ئازراقمۇ مۇبالىغە قىلمىغان ھالدا ئېيتىشقا بولىدۇ، Pitbullدا  شۇنداق بىر غەيرىي سېھىري كۈچ بار، ئۇنىڭ ناخشىلىرى مىئامىدىن ھالقىپ پۈتۈن دۇنيانى قاپلىدى. ياۋرو ئامېرىكا مۇزىكا سەھنىسىدە ھازىر ھەتتا بۇنداق بىر قائىدە پەيدا بولدى—ناخشىڭىزنى بازار تاپسۇن دېسىڭىز، Pitbullنى ئىزدەڭ. 


取消

感谢您的支持鼓励,我会继续努力的!

文章地址:

用户邮箱:

打赏金额:USDT

点击”去打赏“,即可进行打赏支持本文章哦

发表评论