ئامېرىكا چولپانلىرىدا چاچ يۇيماسلىق مودا بوپتۇ، سەۋەبى نېمىدۇ؟

ئامېرىكا چولپانلىرىدا چاچ يۇيماسلىق مودا بوپتۇ، سەۋەبى نېمىدۇ؟

eldawa 欧美女星 2018-04-30 22:04:44 1120



ئامېرىكا چولپانلىرىدا چاچ يۇيماسلىق مودا بوپتۇ، سەۋەبى نېمىدۇ؟

يېقىندا ئامېرىكا تارتقۇلىرى مۇنداق بىر ئىشنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى ئايال يازغۇچى Sarah ئۇدا 6 يىل چاچ سوپۇنى ئىشلەتمىگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايالنىڭ چېچى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كەتكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھوللىۋودتىكى چولپانلار ئارىسىدا چاچ سوپۇنى ئىشلەتمەسلىك قاتتىق مودا بولغان. Kim Kardashian، Adele ، Jessica Simpson قاتارلىق چولپانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان چاچ سوپۇنى ئىشلەتمەيۋاتقانلىقىنى، چېچىنىمۇ نەچچە كۈندە ھەتتا ئايدا بىرەر قېتىم يۇيۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

Sarah نىڭ ئېيتىشىچە، چاچ سوپۇنى چاچنى ئاسرىماقتا يوق، بەلكى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى خىمىيەلىك ماددىلار چاچقا زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.

    چاچ سوپۇنى چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالالامدۇ؟

چاچ سوپۇنىنىڭ ئاساسلىق رولى چاچنى ئاسراش. قۇرۇق، مايلىق ۋە ئوتتۇرىھال تىپلىق چاچلارغا ماس كېلىدىغان سوپۇنلارمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. چاچ سوپۇنىنى توغرا ئىشلەتمىگەندە، چاچنى ئاسراش مەقسىتىگە يېتەلمەيلا قالماستىن بەلكى يەنە چاچنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى پەيدا قىلىدۇ.
چاچ سوپۇنى پەقەت ساغلاملىق مەھسۇلاتى، ئۇ ھەرگىزمۇ تېببىي داۋالاش مەھسۇلاتى ئەمەس. رەستىلەردە سېتىلىۋاتقان، رادىيو-تېلېۋىزورلاردا داڭلىنىۋاتقان چاچ سوپۇنلىرى بىلەن ئون يىل يۇيسىڭىزمۇ چاچ چىقىشى ناتايىن. چاچ چىقارماقچى بولسىڭىز يەنىلا تېببىي داۋالاش ۋاسىتىسىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان بىر ساغلاملىق ژۇرنىلىدا، چاچنى ئاسرايدىغان ھەم چاچ چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر قانچە تۈرلۈك يېمەكلىك تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار:

1. ئۆرۈك مېغىزى چاچ يىلتىزىنى قۇۋۋەتلەپ چاچ ئۆستۈرىدۇ.
تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، چېچى چۈشۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ بەدىنىدە ۋىتامىنB، ۋىتامىن E، تۆمۈر ۋە سىنىك ماددىلىرى ناھايىتى كەمچىل بولىدىكەن. ئۆرۈك مېغىزى تەركىبىدە ۋىتامىن ۋە سىنىك كۆپ بولۇپ بەدەندىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىپ چاچنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى يىلتىزىدىن داۋالايدۇ.

2. قۇلۇلە تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ھۈجەيرىلەرنىڭ قايتىدىن ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.
قۇلۇلە تەركىبىدە سىنك مول بولغانلىقتىن ھۈجەيرىلەرنىڭ قايتىدىن ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىپلا قالماي يەنە ھۇرمۇنلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.

3. پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر يۇقىرى ئاقسىل ماددىسىنى تولۇقلايدۇ.
پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردە بولۇپمۇ قارا پۇرچاق تەركىبىدە ئاقسىل ۋە تۆمۈر ماددىلىرى ناھايىتى مول بولۇپ، چاچنى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

4. تۇخۇم كۆپ خىل ئوزۇقلۇقنى تولۇقلايدۇ.
تۇخۇم ۋە تۇخۇمدىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، سېلىن ۋە ماگنىي ماددىلىرى بىر قەدەر مول بولۇپ، چاچنى ساغلاملاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.

5.ئاپېلسىن كوللاگېننىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن كۆپ بولۇپ بەدەننىڭ تۆمۈر ماددىسىنى قوبۇل قىلىشىغا ياردىمى بولۇش بىلەن بىللە يەنە، ئۇنىڭ تەركىبىدە كوللاگېن ماددىلىرى كۆپ بولغانلىقتىن چاچنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ.

6. قۇرۇق ئۈزۈم باش تېرىسىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
قۇرۇق ئۈزۈم تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى كۆپ بولغانلىقتىن قاندىكى ئاقسىل ماددىسىنىڭ پەيدا بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ ھەمدە قاننى جانلاندۇرۇپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ئادەم بەدىنىدىكى توقۇلما ۋە ئەزالارغا يەتكۈزۈپ چاچنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ناھايىتى چوڭ ھاياتىي كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ.



مەزمۇن يارىغان بولسا، بىزنى قوللاشنى خالىسىڭىز ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىشنى ئۇنۇتماڭ!




قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟

قان تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.


سىز ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىغا مۇشتەرى بولۇپ، قان تىپىڭىزغا ماس بولغان ھەرپلەر A ، B، AB، O نى يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ئۇلارنىڭ خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.




ئەلداۋا ساغلاملىق سالونى

ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...

سالون ئىزدەش نامى:  eldawa


قوللاڭ
ھەمبەھرىلەڭ
ۋە



取消

感谢您的支持鼓励,我会继续努力的!

文章地址:

用户邮箱:

打赏金额:USDT

点击”去打赏“,即可进行打赏支持本文章哦

发表评论