2018-يىللىق مودا گىرىم يۆنىلىشى: قىزلار خەۋەرسىز قالمىسۇن

2018-يىللىق مودا گىرىم يۆنىلىشى: قىزلار خەۋەرسىز قالمىسۇن

Kiyim搭配 欧美女星 2018-01-15 21:47:57 387

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 2018-يىلمۇ باشلىنىپ كەتتى، ئالتۇن رەڭلىك شولىسىنى چاچرىتىپ تۇرغان نۇرانە گىرىم بۇيۇملىرى كىشىلەرنىڭ دىققەت نەزىرىگە كىرىپ كەلمەكتە. ئاساسىي گىرىمدىن تارتىپ كۆز گىرىمى ھەتتا لەۋ گىرىمىنىڭ ھەممىسىدىلا مېتال پارقىراقلىقىغا ئىگە ئېلېمېنتلارنى ئۇچرىتالايسىز. يېڭى يىلدا يېڭىچە قىياپەتتە بولاي دېسىڭىز بۇ يىلدا مودا بولىدىغان گىرىم يۆنىلىشىنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

  ئالتۇن رەڭلىك پارقىراق گىرىم

Lily Depp

  ھەسەن-ھۈسەن رەڭدىن تارتىپ ئالتۇن رەڭلىك C شەكلىدە سىزىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ياڭاق سۆڭىكىنى تېخىمۇ ئىستېرېئولۇق كۆرسىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بۇخىل رەڭ يەنە قۇرغاق ھاۋادا تېرىڭىزنى نۇرانە كۆرسىتىدۇ.

  مېتال پارقىراقلىقى بولغان لەۋ گىرىمى

  Kim Kardashian رول ئالغان ئەڭ يېڭى ئېلاندا مېتال پارقىراقلىقى بولغان لەۋ گىرىمى بىلەن كۆز گىرىمى قوللىنىلغان.

  يېڭىلىقنى ياقتۇرىدىغان Vanessa Hudgensمۇ مېتال پارقىراقلىقى بولغان قىزىل رەڭلىك لەۋ گىرىمى بىلەن مېتال پارقىراقلىقى بولغان كۆز گىرىمىنى قىلغان بولۇپ، يېڭى يىللىق زىياپەتلەرگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.

  ئوخشاش رەڭدىكى مېتال پارقىراقلىقى بولغان لەۋ گىرىمى بىلەن كۆز گىرىمى قوللىنىلسىمۇ ئۆزگىچە ئۈنۈم ھاسىل قىلالايدۇ.


  نۇرانە ئاساسىي گىرىم

  بىر ئاز مېتال پارقىراقلىقىغا ئىگە نۇرانە ئاساسىي گىرىم يەنى يۈز گىرىمى ئۈچۈن ئىستېرېئولۇق ئۈنۈم ھاسىل قىلالايدىغان يۈز تۈزەش ئۇپىسى لازىم بولىدۇ.

ئىنتايىن سۈزۈك بولغان نۇرانە ئاساسىي گىرىم مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن تېرە ئاسراش مايلىرىنىڭ ئۈنۈمىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.  نۇرانە ئاساسىي گىرىمنىڭ ھالقىلىق ئۈچ نۇقتىسىغا ئىنتايىن دىققەت قىلىش كېرەك: قاڭشارنىڭ ئىككى تەرىپى، قاش ئەگمىسىنىڭ ئاستى ۋە ئىككى مەڭزىگە چوقۇم يۇقىرى پارقىراقلىقتىكى نۇر بېرىلىشى كېرەك.


Eva Longoria

  ياقۇت كۆز گىرىمى

  Elle Fanningنىڭ يېيىلىپ كېتىش ئۇسلۇبىدىكى پارقىراق چاپلىما كۆز گىرىمى.

  ئەمەلىيەتتە بۇمۇ ياقۇت كۆز گىرىمىنى ئاساس قىلغان ھالدا سىزىلغان ئىسلىما كۆز گىرىمىدۇر.

ياقۇت كۆز گىرىمى ئۈستۈنكى كۆز قاپىقىنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنغان ھالدا قىلىنسىمۇ ئۆزگىچە ئۈنۈم ھاسىل قىلىپلا قالماي يەنە پۈتۈن يۈز گىرىمىڭىزنى تېخىمۇ جەزبىدار كۆرسىتەلەيدۇ.

ئۈستۈنكى كۆز قاپىقىنىڭ ھەممىسى مېتال پارقىراقلىقىغا ئىگە قاپاق ئۇپىسى بىلەن بويىلىپ، قېنىق قاش گىرىمى بىلەن ماسلاشتۇرۇلسا بەش ئەزانى تېخىمۇ ئىستېرېئولۇق كۆرسىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. 



بۈگۈن تەييارلىغان مەزمۇنلار سىزگە ياقتىمۇ ؟ ئاستىغا ئىنكاس يىزىپ ئويلىغانلىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ !


تېخىمۇ سەرخىل مەزمۇنلار ئۈزۈلمىسۇن دېسىڭىز ھەركۈنى مەزمۇنلىرىمىزنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ ، رەھمەت




取消

感谢您的支持鼓励,我会继续努力的!

文章地址:

用户邮箱:

打赏金额:USDT

点击”去打赏“,即可进行打赏支持本文章哦

发表评论