100 يىلدىن بېرى چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن چىرايلىق سانىغان 4 نازىنىن

100 يىلدىن بېرى چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن چىرايلىق سانىغان 4 نازىنىن

Misrana 欧美女星 2017-09-11 22:30:10 327


Vivien Leigh  

1913-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1967-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ۋاپات بولغان، ئۇ ئەنگلىيەگە قاراشلىق ھىندىستاننىڭ غەربىي بېنگال دارجىلىڭدا تۇغۇلغان، ئەسلى ئىسمى ۋىۋىيەن مارى خارتىرى، ئەنگلىيە كىنو ۋە دىرامما ئارتىسى. ۋىۋىيەن ھەم چىرايلىق ھەم تالانتلىق ئارتىس بولۇپ، گۈزەللىكى ئورۇنداش ماھارىتىنى، ئورۇنداش ماھارىتى گۈزەللىكىنى بېسىپ چۈشكۈدەك دەرىجىدە گۈزەل بىر ئارتىس ئىدى.

ياخشى بولغان ئەنگلىيە ئۇسلۇبىدىكى تەربىيەگە ئىگە بولغان ۋىۋىيەن ئاقكۆڭۈل، مېھماندوست، چىقىشقاق خاراكتېرىگە ئىگە ئىدى، ئۇ ھايات داۋامىدا ناھايىتى كۆپ دوست تۇتقان، باشقىلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە كۆڭۈل بۆلگەن، نۇرغۇن ئۇ ئوبدان تونۇيدىغان ياكى تونۇمايدىغانلار كۆڭلى يېرىم ۋاقتلىرىدا دائىم ۋىۋىيەننىڭ ھال سوراش تېلېفونلىرى، خەتلىرى ياكى سوۋغاتلىرىنى تاپشۇرۇۋالغان.

1938-يىلى ۋىۋىيەن ئامېرىكىغا بېرىپ «قىساسكار»(呼啸山庄) ناملىق فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا سېلىزنىك قېرىنداشلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ، بۇ ئاكا-ئۇكىلار دەل «ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن» نى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن ئاتلانتىس شەھرىدە ئىدى. فىلىمدىكى باش ئايال پېرسوناژ تېخى مۇقىمدالمىغان ئىدى، ۋىۋىيەن سىناق بېقىشقا تەكلىپ قىلىنغان. 1938-يىلى 2-ئايدا ئۇ رەسمىي فىلىمگە باش ئايال پېرسوناژلىققا بېكىتىلگەن.

1940-يىلى ۋىۋىيەن «ۋاتىرلۇ كۆۋرۈكى»(魂断蓝桥) دە رول ئالغان، ئۇ فىلىمدە بالېت ئۇسۇلچىسى بىلەن ئوفتېسىرنىڭ ۋاتېرلۇ كۆۋرۈكى بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، كېيىن ئۇرۇش پارتلاپ، ئىككەيلەن توي قىلىدىغان ۋاقىتتا ئوفتېسىر روي ئۇرۇشقا كېتىدۇ. سۆيگىنىنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن ئۇسسۇلچى مارلا بالېت ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئويۇن ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ قالغانلىقتىن خىزمىتىدىن ئايرىلىدۇ.

ئۇزۇن ئۆتمەي روينىڭ ئىسمى ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ تىزىملىكىدىن چىقىدۇ، خىزمىتىدىن ئايرىلغان مارلا پۈتۈنلەي ئۆزىنى يوقىتىپ، ئاخىرى پاھىشە بولۇپ كېتىدۇ. روي ئەسلى ئۆلمىگەن بولۇپ، مارلا ئۇنى ئۇچراتقاندا ئۇنىڭدا ئۈمىد پەيدا بولىدۇ، لېكىن روي ئابرويلۇق ئائىلىدىن بولغاچقا ئاقكۆڭۈل مارلا ئۇنى يەنە ئالدىغۇسى كەلمەيدۇ، شۇڭا تويدىن بىر كۈن بۇرۇن مارلا يوقاپ كېتىدۇ، ئۇ ئىككەيلەن تۇنجى ئۇچراشقان ۋاتېرلۇ كۆۋرۈكىدىن ئۆزىنى تاشلاپ، ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

1938-يىلى ئامېرىكا ھوللىۋودقا يۈرۈش قىلغان ۋىۋىيەن «ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن» فىلىمدىكى سىكارلىتنىڭ رولى بىلەن 12-نۆۋەتلىك ئوسكار خانىشى شەرىپىگە ئېرىشىدۇ، شۇنداق ئۇ بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن تۇنجى ئەنگلىيەلىك ئايال ئارتىس بولۇپ قالىدۇ. كېيىن ۋىۋىيەن ئەنگلىيەگە قايتىپ تىياتىر ساھەسىدە تەرەققىي قىلىدۇ. 1950-يىلى يەنە بىر قېتىم ھوللىۋودقا قايتىپ بېرىپ، «ئارزۇ ناملىق تىراللىبۇس»(欲望号街车) فىلىمىگە قاتناشقان. 1951-يىلى شۇ فىلىم بىلەن 16-نۆۋەتلىك ۋېنىتسىيە خەلقئارالىق كىنو بايرىمىدا ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1953-يىلى بىرىنچى نۆۋەتلىك ئەنگلىيە كىنو ئىنىستىتۇتى مۇكاپاتى(ئەنگىلىيەنىڭ ئوسكارى دەپ ناملانغان) غا ئېرىشكەن، 1963-يىلى تونى تىياتىر مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئايال باش پېرسوناژ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئەمما ئۇنىڭ كېسەلچانلىقى ئۇنىڭ كەسپى يۈكسىلىشىگە تەسىر قىلغان، 1967-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۇ ئۆپكە تۇبىركىلىيۇزى سەۋەبلىك ئەنگلىيە لوندوندا ۋاپات بولغان. 1999-يىلى ئامېرىكا كىنو جەمئىيىتى تاللاپ چىققان 100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئايال ئارتىسلار تىزىملىكىدە 16-ئورۇنغا تىزىلغان.

2. (Audrey Hepburn)ئاۋدىرىي ھېپبۇرن، 1929-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1993-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ۋاپات بولغان، ئۇ بېلگىيە بىريۇسسېلدا تۇغۇلغان ئەنگلىيەلىك كىنو تىياتىر ئارتىسى.

948-يىلى ھېپبۇرن 39 مىنۇت كېلىدىغان گوللاندىيەنىڭ مەنزىرىسى تەسۋىرلىنىدىغان ھۆججەتلىك فىلىمدە تۇنجى قېتىم رولغا چىققان، شۇنىڭدىن تارتىپ سەنئەت ھاياتى باشلانغان.

1954-يىلى ئۇ «رىمدىكى ئارام»(罗马假日)دا تۇنجى قېتىم باش پېرسوناژ بولۇپ چىقىپلا ئوسكار خانىشى شەرىپىگە ئېرىشكەن. شۇ يىلى ئۇ «سۇ پەرىسى» (美人鱼)فىلىمىدىكى رولى بىلەن تونىي مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئايال باش پېرسوناژ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1961-يىلى ئۇ «تىفەننىنىڭ ناشتىلىقى»(蒂凡尼的早餐)دا باش رول ئالىدۇ. 1964-يىلى ئۇ ئۇسسۇللۇق فىلىم «گۈزەل ھەم ئەخلاقلىق قىز»(窈窕淑女) دا باش رول ئالىدۇ. 1989-يىلى نۇرغۇن يىل ئېكراندىن چېكىنگەن ئاۋدىرىي ھاياتىنىڭ ئاخىرىدىكى فىلىمى «ئاداققىچە»(直到永远)دە مېھمان رول ئالىدۇ.

ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئاۋدىرىي ھېپبۇرن ئۆزىنى ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاتىغان، ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ ساخاۋەت ئەلچىسى،  1992-يىلى ئۇ ئامېرىكىدا «زوڭتوڭ ئەركىنلىك ئوردىنى» غا ئېرىشكەن، 1993-يىلى ئوسكار ئىنسانپەرۋەرلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1993-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى سۈت بېزى راكى بىلەن شىۋېتسىيەدە 63 يېشىدا ۋاپات بولغان.

ھېپبۇرن ھاياتىدا 5 قېتىم ئوسكار ئەڭ ياخشى ئايال باش پېرسوناژ مۇكاپاتىدا ئىسمى ئاتالغان. 1999-يىلى ئامېرىكا كىنو جەمئىيىتى تەرىپىدىن «100 يىللىق ئۇلۇغ ئايال ئارتىسلار تىزىملىكى» دە 3-ئورۇنغا تىزىلغان. 2002-يىلى 5-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندىنىڭ نىيويوركتىكى باش ئىشتاتىدا 7 ئىنگىلىز چىسى ئېگىزلىكتە ئاۋدىرىي ھېپبۇرن روھى دەپ ئاتالغان ھەيكەل تۇرغۇزۇلغان، بۇ ئارقىلىق ئاۋدىرىينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قوشقان تۆھپىلىرى تەقدىرلەنگەن.

3. ئىنگىرىد بېرىگمەن(Ingrid Bergman)

1915-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1982-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى ۋاپات بولغان، شىۋېيتسارىيەلىك، ھوللىۋود كىنو ئارتىسى، شىۋېيتسارىيە خان جەمەتى تىياتىر ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن.

1935-يىلى«MunkbrogrevenMun» فىلىمى بىلەن ئارتىسلىق ھاياتىنى باشلىغان. 1939-يىلى «خوشاللىققا قېچىپ بېرىش»(寒夜琴挑) تا باش رول ئالغان. 1942-يىلى «كاسابلانكا»(卡萨布兰卡) فىلىمى بىلەن داڭق چىقارغان. 1945-يىلى «گاز چىرىغى ئاستىدا»(煤气灯下) فىلىمى بىلەن 17-نۆۋەتلىك ئوسكار خانىشى بولغان. 1946-يىلى ھېچكوك رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىم «ساھىبجامال ھىيلىسى»(美人计) دە رول ئالغان. 1949-يىلى ئىتالىيەگە بېرىپ كىنو ئىشلىگەن. 1951-يىلى «1951-يىلىدىكى ياۋروپا»(一九五一年的欧洲) دە باش رول ئالغان. 1957-يىلى «راست-يالغان مەلىكە»(真假公主) فىلىمى بىلەن 29-نۆۋەتلىك ئوسكار خانىشى بولغان. 1958-يىلى مۇھەببەت فىلىمى «بىخۇدلۇق»(钓金龟) تا باش رول ئالغان. 1964-يىلى «زىيارەت»(贵妇怨) تە باش رول ئالغان.

1976-يىلى 26-نۆۋەتلىك گانا خەلقئارالىق كىنو بايرىمىدا باھالىغۇچى بولغان. 1975-يىلى «شەرق تېز پويىزىدىكى قاتىللىق»(东方快车谋杀案) فىلىمى بىلەن 47-نۆۋەتلىك ئوسكار ئەڭ ياخشى يانداش ئايال پېرسوناژ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1978-يىلى ئۇ سەنئەت ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى فىلىمى «كۈز سوناتاسى»(秋天奏鸣曲) نى ئىشلىگەن، بۇ فىلىمى بىلەن 7-قېتىم ئوسكار مۇكاپاتىدا ئىسمى ئاتالغان. 1982-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى ئەنگىلىيە لوندوندا سۈت بېزى راكى بىلەن ۋاپات بولغان. 1999-يىلى ئامېرىكا كىنو جەمئىيىتى باھالىغان 100 يىللىق ئۇلۇغ ئايال ئارتىسلار ئىچىدە ئۇ 4-ئورۇنغا تىزىلغان.

4. (Greta Garbo.Lovisa Gustafsson) گىرىتا گاربو 1905-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇغۇلغان، 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ۋاپات بولغان، ئۇ شىۋېيتسارىيە تەۋەلىكىدىكى ھوللىۋود ئارتىسى.

1926-يىلى گىرىتا ھوللىۋودتىكى تۇنجى فىلىمى «تېز ئېقىن»(激流) دە رول ئالغان. 1930-يىلى ئۇ تۇنجى شەخسىي ئاۋازلىق فىلىم «ئاننا كىرىستى»(安娜-克里斯蒂) دە رول ئېلىپ، 3-نۆۋەتلىك ئوسكار ئەڭ ياخشى باش رولچى مۇكاپاتىدا ئىسمى ئاتالغان. 1935-يىلى گىرىتا «كامىللېي»(茶花女)، «ئاننا كارىننا»(安娜-卡列尼娜) دا رول ئالغان، ئۇ «كامىللې» فىلىمى بىلەن 10-نۆۋەتلىك ئوسكار ئايال باش رولچى تۈرىدە ئىسمى ئاتالغان. 1939-يىلى «نىنوچكا»(妮诺奇嘉) فىلىمى بىلەن 3-قېتىم ئوسكار ئەڭ ياخشى ئايال باش پېرسوناژ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1941-يىلى «قوش يۈزلۈك ئايال»(双面女人) نى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن گىرىتا كىنو ساھەسىدىن چېكىنگەن. 1955-يىلى گىرىتا 27-نۆۋەتلىك ئوسكار ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكىدا ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ۋاپات بولغان. 1999-يىلى ئامېرىكا كىنو جەمئىيىتى باھالىغان 100 يىللىق ئۇلۇغ ئايال ئارتىسلار ئىچىدە 5-ئورۇنغا تىزىلغان.



取消

感谢您的支持鼓励,我会继续努力的!

文章地址:

用户邮箱:

打赏金额:USDT

点击”去打赏“,即可进行打赏支持本文章哦

发表评论