بۇ تېمىنىڭ باش قەھىرمانى يۇقىردىكى سۈرەتتىكى بۇ ئىككى بىر جۈپلەر، كۈيئوغولنىڭ ئىسمىGutseriev، بۇ يىل 28 ياش. كىلىنچەكنىڭ ئىسمى بولسا 20Khadija Uzhakhovs ياش، مۇسكىۋ ئونىۋىرسىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى
“بىرسى بايلىقتا كامالەتكە يەتكەن ، بىرسى گۈزەللىكتە كامالەتكە يەتكەن”
سىز چوقۇم بۇ ئىككى ئەر-ئايالنىڭ پۇلى نىمانداق جىقتۇ دەپ ھەيران قىلىۋاتقانسىز؟! يىگىتنىڭ دادىسى(Mikhael Gutseriev) چىچىنيە داڭلىق نىفىت ماگىناتى، ئۇنىنىڭ قىممىتى سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا 6مىليارد 200 مىليۇن ئامىرىكا دوللىرىدىن ئىشىپ كىتىدىكەن
مەلۇم بولىشچە، بۇ دادا ئوغلىنىڭ تويى ئۈچۈن جەمىئي بىر مىليارد ئامىركا دوللىرى(جۇڭگو پۇلىغا سۇندۇرغاندا 6مىليارد 470 مىليۇن ) خىراجەت قىلغان
نەق مايدان ئورۇنلاشتۇرۇش بولسۇن، ياكى يىگىت بىلەن قىزنىڭ مۇراسىم كىيىملىرىدىن مەرىكە ئۆتكۈزدىغان زالغىچە دادىسى ئۆز ئۈستىگە ئىلىپ، ھەتتا مىھمانلارنىمۇ كۈتۈش ئىشىنىمۇ بوش قويىۋەتمىگەن!
سەھنە كۆرنىشى مۇشۇنداق، خۇددىي جەننەتتەك! :
زالنىڭ ئىچى گۈللەر بىلەن لىق تولغان، كىرگەن ئادەمگە ھوزۇر بىغىشلايدۇ، پۇلى بارنىڭ دۇنياسىدە بۇ
ھەتتا مۇراسىم زالى ئىشىك ئالدىمۇ گۈللەر بىلەن ئورالغان، مىنىڭ ھەيران قالغىنىم بىشىغا كىيىۋالغان ئاق نەرسە نىمە نەرسىدۇ؟
تويغا قاتناشقان 600 مىھماننىڭ ھەممىسى (Rolls-Royce)دىن تەركىب تاپقان داڭلىق ماشنا بىلەن كەلگەن، بۇ مەنزىرنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ بىقىڭ!!! نىمدىگەن ھەيۋەت!!
تويدىكى تورۇتمۇ ئاجايىپ يوغان!! ئەتىراپى گۈل شەكىلدە چىقىرىلغان!! بۇ توي مۇراسىمىغا قانچە توننا گۈل كەتكەندۇ؟؟؟
بۇ تورۇتنى شوتا قويۇپ كېسىدىغان چىراي
تويغا كەلگەن ھەر بىر مېھمان مۇشۇنداق ئالتۇن قاپلىق سوۋغىغا ئېرىشكەن، ئۈستىدە توي بولغان كۈن بىلەن ئىسىم يېزىغلىق.
بىز بۇ تەلەيلىك كىلىنچەكنى كۆرۈپ باقايلى، توي بولغان كۈنى، قىزنىڭ گىرىم ۋە چاش پاسۇنى شۇنداق ئاددىي، ئەمما ئەڭ ئىسىل ئەڭ قىممەت بۇيۇملارنى ئىشلەتكەن!
توي كىيمىنى داڭلىق لايھىلىگۈچى قىز ئۈچۈن لايھىلەپ چىققان، ئومۇمى ئېغىرلىقى 25 قاداق كىلىدىكەن، قىز تەشتاقتىن چۈشكەندە چوقۇم بىر نەچچە ئادەم ئۇنىڭڭغا ياردەملىشىپ كۆتۈرشۈپ بىرىدىكەن
توي كىيىمنىڭ باھاسى تەخمىنەن 170 مىڭ يۈەن ئىكەن
قىزنىڭ بىشىدىكى تاجا، ھالقا، بىلەيزۈك، زەنجىردىن تارتىپ ھەممىسى ساپ ئاق ئالتۇندىن ياسالغان
زەنجىرن ھالقىلىرىدا ئالماس كۆزلەرمۇ بار، خۇددى خانىشتەك
كېلىن بىلەن مىھماننىڭ بىللە چۈشكەن سۈرىتى
بۇ مۇراسىم كىيمىنىڭمۇ شۇ داڭلىق لايھىلىگۈچى لايھلىگەن
كىلىننىڭ مۇراسىم زالىغا كىرىشى
روسىيە ۋاستىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قىز ئائىلدىكىلەرنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تاللىغان كېلىنى ئىكەن، ئۇ بىر ئاددىي ئائىلىدە تۇغۇلغان، دوستىمۇ ئانچە جىق ئەمەس، يۈرۈش تۈرۈشى ئاددىي، مۇلايىم قىز ئىكەن
بۇ تويغا ھەتتا داڭلىق چولپان (Jennifer Lopez) قاتارلىقلارنىمۇ تەكلىپ قىلغان، ئېيتىشچە ھەر بىرىنىڭ ئويۇن قويىشىغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1 مىليۇن يۈەن بەرگەن
بۇ توي تەسىر قىلغاندەكمۇ! بۇ ھەقىقىي بالىسغا كۆيۈنۈش، پۇلى بارلارنىڭ ئۆز بىلىگىننى قىلىش!
بۇ توي تېخى تۈگىمدى.بۇ پەقەت بىرىنجى توي خالاس. بۇ بىر جۈپنىڭ ئىككىنجى تويى لوندۇندا ئېلىپ بىرىلىدۇ.