دىلرابا گۈلنەزەرلەرگە يىتىۋالاي دىگەن بۇ شىنجاڭلىق ئۇماق قىزنى..

دىلرابا گۈلنەزەرلەرگە يىتىۋالاي دىگەن بۇ شىنجاڭلىق ئۇماق قىزنى..

Baxlan音乐盒 内地女星 2018-12-06 23:15:59 859


شىنجاڭلىق يەنە بىرگۈزەل چولپان دۆلىتىمىز چوڭ سەھنىسىدە...

01

شىنجاڭدىن چىققان گۈزەل ئارتىسلار

دۆلىتىمىز كىنوچىلىق ۋە سەنئەت ساھەسىدىكى شىنجاڭلىق گۈزەل قىزلار تىلغا ئېلىنسا تۇنجى بولۇپ ئېسىڭىزگە كىم كېلىدۇ؟

ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، ئوماق چىرايى ۋە تاتلىق قىلىقلىرى بىلەن ھەممىمىزنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان نازاكەتلىك قىز دىلرابا؟

قاملاشقان بەش ئەزاسى، چىرايلىق بەدەن شەكلى ۋە ئورۇنداش ماھارىتى بىلەن تونۇلغان غۇلجىلىق ئارتىس قىز توڭلىيا؟

سۈزۈك چىرايى، نازۇكلۇقى بىلەن قەلب تارىمىزنى چەككەن ساھىبجامال گۈلنەزەر؟

نازۇك ھەم لاتاپەتلىك ساھىبجامال قىز ۋاڭ شىۋېي(王希维)؟

"يېڭى مەلىكە خۇەنجۇ"دا رول ئېلىپ ھەممىمىزنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن گۈزەل قىز مەدىنە؟

بۇ ساھىبجاماللارنى كۆرۈپ تازا پەخىرلەنگەنسىز؟  مانا ئەمدى بۇلارغا يەنە بىر ساھىبجامال قوشۇلىدىغان بولدى. 

02

دىلرابا گۈلنەزەرلەرگە يىتىۋالاي دىگەن بۇ شىنجاڭلىق ئۇماق قىزنى..تۇنۇمسىز ؟

شىنجاڭلىق قىزنىڭ "دۈنخۇاڭ چۈشى"

يېقىندا سەنئەت ساھەسىگە ئەمدىلا قەدەم بېسىۋاتقان يەنە بىر گۈزەل قىزنىڭ خەۋىرى توردا تارقىلىشى بىلەنلا قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى. 

يېقىنقى نەچچە كۈندىن بېرى بۇ گۈزەل قىزنىڭ داغدۇغىسى تاماشا چەمبىرىكىنى قىزىتىۋەتتى. بۇ قىزنىڭ كىملىكىنى بىلىشتىن بۇرۇن بىز ئاۋۋال ئۇنىڭ تۆۋەندىكى قىسقا ڧىلىمىنى كۆرۈپ چىقايلى:

بۇ گۈزەل قىز سەھنىگە چىقىشى بىلەن تەڭ تاماشىبىن ۋە باھالىغۇچىلار ھەيران قالغان بولسا، بۇ فىلىم تارقالغاندىن كېيىن تورداشلار ھاڭ-تاڭ قالدى. ئۇ ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىدى. 

تورداشلار بەس-بەستە ئىنكاس قالدۇرۇپ: "نېمىدېگەن چىرايلىق قىز بۇ!"، "بۇ قىزنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرۈپ ھوشۇمدىن كېتەيلا دېدىم" دېگەندەك ئىنكاسلارنى قالدۇرۇشتى. 

بۇ قىز "دۈنخۇاڭ چۈشى" (《一梦敦煌》) ناملىق ئۇسسۇلنى ئوينىغان بولۇپ، ھەرىكەتلىرى تولىمۇ نازۇك ھەم نەپس ئىدى.

نازۇك ئۇسسۇلى كىشىگە گاھى بۇلۇتلار ئارىسىدا لەرزان ئۈزىۋاتقان ئاينى ئەسلەتسە، گاھى يالقۇنلاۋاتقان ئوت يالقۇنىنى ئەسلىتەتتى. 

ئۇنىڭ نەپس ھەرىكەتلىرى بەئەينى دۈنخۇاڭ غارلىرىغا سىزىلغان تام رەسىملەردىكى گۈزەل قىزلار كۆز ئالدىمىزدا ئۇسسۇل ئويناۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرەتتى. 

تاتلىق كۈلكىسى بولسا كىشىنىڭ بارچە غەم قايغۇسىنى ئۇنتۇلدۇرغۇدەك دەرىجىدە ساپ ھەم سۈزۈك ئىدى. 

ئۇنداقتا ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇرغان بۇ گۈزەل قىز زادى كىم؟

03

گۈزەل قىز- خانقىز

شۇنداق، بۇ گۈزەل قىزنىڭ ئىسمى خانقىز، 1996- يىلى1- ئاينىڭ 29- كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 

خانقىزنىڭ بۇ ئۇسسۇلى تارقىلىپ بىرنەچچە كۈن ئىچىدىلا تور ئەھلىنى ھاياجانلاندۇرىۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن 

خانقىزنىڭ بالىلىق سۈرەتلىرىمۇ ئاشكارىلاندى. 

خانقىز كىچىكىدىنلا تولىمۇ چىرايلىق ئىدى. نازۇك تۇرقىدىن ئارتىسلارغا خاس نازاكەت تۆكۈلۈپ تۇراتتى.

يەنە كېلىپ ئۇ ئۆزىمۇ سەنئەتنى ياخشى كۆرەتتى. مانا بۈگۈن ئۇ ئاخىرى بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. 

خانقىز تېخى يېقىندىلا چېنخې(陈赫) بىلەن توختام ئىمزالىغان بولۇپ، سەنئەت ساھەسىگە ئەمدىلا قەدەم بېسىش ئالدىدا تۇرىدۇ. 


خانقىز بۇ قېتىم قاتناشقا مۇسابىقىنىڭ ئىسمى 《国风美少年》 بولۇپ، ئۇ "دۈنخۇاڭ چۈشى" ناملىق ئۇسسۇلى بىلەن بارلىق باھالىغۇچى ۋە تاماششىبىنلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى.


ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇن يەنە "ئەڭ يېڭى ياش چولپانلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى (《超新星全运会》)گە قاتناشقان بولۇپ، نەتىجىسىمۇ ئالاھىدە ياخشى بولغانىدى.

گەرچە ئەمدىلا سەنئەت ساھەسىگە قەدەم قويغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ قاتناشقان مۇسابىقىلەردە بۇنداق ياخشى باھالارغا ئېرىشىشى ئۇنىڭ تېخى ئېچىلمىغان تالانتىدىن دېرەك بېرىپ تۇرۇپتۇ.

بىز يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە خانقىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلىرىنى، مۇنەۋۋەر تېلىۋىزىيە ئەسەرلىرىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىنى، دىلرابا، توڭلىيالاردەك دۆلىتىمىز كىنوچىلىقىغا بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇشىنى، شىنجاڭنىڭ ئاكتىپ ئېنىرگىيىسىنى تارقىتىشىنى كۈتىمىز. 


取消

感谢您的支持鼓励,我会继续努力的!

文章地址:

用户邮箱:

打赏金额:USDT

点击”去打赏“,即可进行打赏支持本文章哦

发表评论