يولدىشنىڭ نام چىقرىشغا 21يىلىنى سەرپ قىلغان چولپان ئاجرىشپ كەتتى

يولدىشنىڭ نام چىقرىشغا 21يىلىنى سەرپ قىلغان چولپان ئاجرىشپ كەتتى

Misranim订阅号 内地女星 2018-09-08 22:33:06 411

بېيجىڭ ۋاقتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كونىلار مۇنداق ئېيتقان: ئەر-ئايال خۇددى بىر ئورماندىكى قۇشقا ئوخشايدۇ. چوڭ ئاپەت كەلگەندە ھەممىسى ھەر تەرەپكە قاچىدۇ. كىشىلىك تۇرمۇشتا بىللە جاپا تارتىپ، ئەمما ھالاۋىتىنى بىللە كۆرەلمەيدىغان ئەر-ئاياللارمۇ نۇرغۇن.

بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇ بىر جۈپلەر دەل مۇشۇنداق، ئۇ بولسىمۇ چېڭ سۇ (程愫) بىلەن فۇ چېڭپېڭ (傅程鹏).

ھەممىمىزگە ئايان چېڭ سۇ ئاساسلىقى «مەن ئالاھىدا ئەترەتتىكى سۇمرۇغ» ناملىق تىياتىردا رول ئالغان. ئەمەلىيەتتە چىڭ سۇ فۇ چېڭپېڭ ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ بىللە رول ئالغان فىلىملىرىمۇ كۆپ.

چېڭ سۇ 1976-يىلى جىياڭشى نەنچاڭدا تۇغۇلغان.

چىڭ سۇ سەنئەتكار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن قويۇق سەنئەت پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇزاق ۋاقىتلىق ئۆگىنىش ۋە تەجرىبە چىڭ سۇدا تەبىئىي مۇستەھكەم رول ئېلىش سەنئىتىنى يېتىلدۈردى.

ئۇنىڭ مىجەز خۇلقى ئىنتايىن مۇستەقىل ۋە پىشقان بولۇپ، مۇلايىم ھەم سوغۇققان، ئۆزى بولسا ئىنتايىن كەمتەر .

فۇ چېڭپېڭ 1973-يىلى جىياڭشى يىچۈندە تۇغۇلغان. فۇ چېڭپېڭ ئاساسلىقى ھەربىي ئىشلار تېمىسى ۋە جاسۇسلۇق فىلىملىرىدە ئاكتىپ كۈچكە ئىگە پېرسۇناژ رولىنى ئېلىپ خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

ئۇ ھەربىي ئىشلار تېمىسى ۋە جاسۇسلۇق فىلىملىرىدە رول ئېلىشقا ئۇستا، ئەمما بۇنىڭغىلا باغلىنىپ قالماي يېڭى روللارنى ئېلىشقىمۇ تىرىشتى.

چېڭ سۇ، فۇ چېڭپېڭ ئەر-ئايال سەنئەت ساھەسىدە داڭقى چىققان نەمۇنە بىر جۈپلەر بولۇپ، ئىككىسىنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى سەنئەت ئۆمىكىدىن باشلانغان. گەرچە ئۇلار بىر ئۇنېۋېرسىتىتتا ئوقۇغان بولسىمۇ، بىر-بىرىنى تونۇمايتتى.

سەنئەت ئۆمىكىدە فۇچېڭپېڭنىڭ چېڭ سۇغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى ئۇ ئىككىسىدە مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرىنى پەيدا قىلدى، شۇنداقلا ئۇلارنى توي قىلىش دەرىجىسىگە باشلاپ باردى.

چېڭ سۇ بىلەن ئۇنىڭ يولدىشى توي قىلغىلى 21 يىل بولدى، بۇ مەزگىلدە ئۇ ئىزچىل يولدىشىنىڭ خىزمىتىنى قوللاپ، بۇ ئائىلە ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز كۈچ چىقىرىپ كەلگەن ئىدى.

يولدىشىغا ھەمكارلىشىپ نەچچە رەت رول ئېلىش تۈرتكىسىدە ئاخىرى فۇ چېڭپېڭنىڭئوبرازى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، كۆرۈرمەنلەر ۋە ئاپتورلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، فۇ چېڭپېڭنىڭ ھازىرقى نەتىجىلىرىنى چېڭ سۇدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. چېڭ سۇ 21 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاران يولدىشىنىڭ داڭقىنى چىقارغان بولسىمۇ، ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇلار يەنىلا ئاخىرىغىچە بىللە ماڭالمىدى.

مەلۇم توردا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە شىياڭگاڭلىق ئايال ئارتىس جوۋ لىچى قىسىلىۋالغان دېيىلگەن. يەنە ئىككىسىنىڭ بىللە دەم ئالغىلى بارغانلىقىمۇ ئېيتىلغان.

بىر قىسىم تورداشلار ئۇلارنى «جاسۇس» فىلىمىدە ھەمكارلىشىش جەريانىدا ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قالغان، شۇ ۋەجىدىن چېڭ سۇ فۇ چېڭپېڭ ئەر-ئايالنىڭ ئائىلىسى ۋەيران بولدى دەپ پەرەز قىلىشقان .

كۆپ ساندىكى تورداشلارنىڭ ھەممىسى چېڭ سۇ تەرەپتە تۇرۇپ، فۇچېڭپېڭنى ۋاپاسىز دەپ ئەيىبلىگەن.

ئەمما بۇ پىتنە-پاساتقا ئىككىلى تەرەپ ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى. ھازىر چېڭ سۇ ئاجرىشىپ كەتكەن ۋە بالىنىڭ بېقىش ھوقۇقىنى ئالغان. تۇرمۇشىنى قايتا داۋاملاشتۇرۇش ۋە بالىسىنى بېقىش ئۈچۈن قايتىدىن ئېكرانغا قايتىپ كەلدى.

كېيىن، چېڭ سۇ بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىغا چىقىپ ھېسسىيات مەسىلىسى توغرىلىق سوئالغا دۇچ كەلگەندە، ئەينى ۋاقىتتا يولدىشىنىڭ داڭق چىقارماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، ئۆزىنى تۇتىۋالالماي كۆز يېشى قىلدى.

ھەر بىر سۆزىدە ئامالسىز قالغانلىقى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. گەرچە بىز بەك كۆپ ئىچكى خەۋەرلەرگە ئىگە بولمىساقمۇ، ئەمما يەنىلا چېڭ سۇغا ھېسداشلىق بىلدۈرىمىز.

بىز خۇرسىنىشدىن باشقا، يەنە چېڭ سۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ بەخىتلىك بولىشىنى تىلەيمىز .


取消

感谢您的支持鼓励,我会继续努力的!

文章地址:

用户邮箱:

打赏金额:USDT

点击”去打赏“,即可进行打赏支持本文章哦

发表评论