​كۈل قىز تىياتىرىدىكى جاڭ زەيخې يادىڭىزدىمۇ؟

​كۈل قىز تىياتىرىدىكى جاڭ زەيخې يادىڭىزدىمۇ؟

Hindistan Kino 日韩男星 2023-11-06 18:31:00 57


يېقىندا كورېيەلىك داڭلىق ئارتىس خان جاسوك (韩在石) ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا ئۈزىنىڭ ئوماق ئىككى قىزىنىڭ سۈرەتلىرىنى ھەمبەھىرىلىدى، خان جاسوكنىڭ ئىككى قىزلىرى تولىمۇ ئوماق بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ گۈزەل، كېلىشكەن تۇرقىنى تارتقان ئىدى، خان جاسوك 2016-يىلىدىن كېيىن ئانچا نامايان بولۇپ كەتمىگەن، چۈنكى تاماشا ساھەسىنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتى بەكلا تېز، شۇڭا ھازىر ياش بىر ئەۋلاد چولپانلارنىڭ ئىچىدە خان جاسوكنى تونۇيدىغانلار ناھايىتى ئاز، بىراق ئەينى يىللاردا خان جاسوك كورېيەدىكى قىزغىنلىقى ۋە تونۇلۇش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى ئارتىس ئىدى.

خان جاسوك (韩在石) ئۇ 1973-يىلى8-ئاينىڭ12-كۈنى كورېيەدە تۇغۇلغان، كورېيە كىنو-تېلېۋىزىيە ئارتىسى، كورېيەدىكى داڭلىق ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ ۋارىسى، باي ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، خان جاسوك جۇڭگو شياڭگاڭ كىنولىرى مەستانىسى، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا جوۋ رۇنفا (周润发)، جوۋ شىڭچى (周星驰) ۋە جاڭ مەنيۈ (张曼玉) قاتارلىق ئارتىسلارنىڭ كىنوسىنى كۆرگەن ۋە رول ئېلىپ ئارتىس بولۇشقا ئىشتىياق باغلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلماي ئارتىس بولغان، 1995-«چۈشكۈن پەرى» (堕落天使) ناملىق تىياتىردا رول ئېلىپ بۇ ساھەگە رەسمىي قەدەم قويغان.

1997-يىلى «سۇبات سەھنىسى» (天桥风云) ناملىق تىياتىرىدا ئىككىنچى ئەر باش پېرسوناژنىڭ رولىنى ئالغان، 1998-يىلى مۇھەببەت تىياتىرى «ئاجايىپ مېھىر-مۇھەببەت» (妙手情天) تە باش رول ئالغان، 2000-يىلى تەسىرلىك مۇھەببەت تىياتىرى «ئايال رىياسەتچى ھەققىدە ھىكايە»(女主播的故事) تىياتىردا ئىككىنچى ئەر باش پېرسوناژ رولىنى ئالغان، 2002-يىلى كۆپ قىسىملىق نادىر تىياتىر «كۈل قىز»(玻璃鞋) دا ئەر باش رولچى جاڭ زەيخېنىڭ رولىنى ئېلىپ بىراقلا نام چىقارغان، شۇنداقلا بۇ رولى بىلەن كورېيەدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئارتىسلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان، ئۇنىڭ تىياتىردىكى قالتىس رول ئېلىش ماھارىتى، كېلىشكەن قەددى-قامىتى نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن.


خان جاسوكتا بىر خىل ئېسىلزادىلەرگە خاس سالاپەت بار، ئۇ تىرىشچان، ئاقكۆڭۈل، رول ئېلىش ماھارىتى قالتىس، تالانتلىق بىر ئارتىس، ئۇنىڭ ھازىرقىدەك «پىشقەدەم ئارتىس» لار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشى، پۈتۈنلەي ئۇنىڭ ئۈزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئېرىشكەن نەتىجىسى. ئۇ 2010-«كاتتا سودىگەر» (巨商金万德) ناملىق تىياتىردا رول ئېلىپ، ئايالى پاك سومى (朴帅眉) بىلەن تۇنۇشقان، شۇنداقلا 2013-يىلى توي قىلغان، 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى چوڭ قىزى تۇغۇلغان، بىر نەچچە يىلدىن كېيىن كىچىك قىزى تۇغۇلغان. ھازىر خان جاسوكنىڭ ئىككى قىزى بار، تويدىن كېيىن خان جاسوكنىڭ ئايالى پاك سومى رول ئېلىشتىن ۋاز كىچىپ ئائىلىدە ئائىلە ئايالى بولغان، خان جاسوكمۇ خىزمەتتىن بىكا بولغاندا ئايالىغا ھەمراھ بولۇپ ئائىلە ئىشلىرىغا قاراشقان، شۇنداقلا ئىككى قىزىنىڭ ھالىدىن تەڭ خەۋەر ئالغان، ئۇلارنىڭ توي قىلىغىنىغا ھازىر سەككىز يىل بولغان بولۇپ، بىر ئائىلىدىكى تۆت جان ھازىر ناھايىتى بەخىتلىك ئۆتۈۋاتىدۇ.

ئاستىدىكى سالوننى قوشىۋېلىپ ھەقسىز كىنو كۆرۈڭ


取消

感谢您的支持鼓励,我会继续努力的!

文章地址:

用户邮箱:

打赏金额:USDT

点击”去打赏“,即可进行打赏支持本文章哦

发表评论