دۇنيا مۇزىكا ساھەسىدىكى تەسىر كۈچى ئەڭ زور 10 تالانت ئىگىسى

دۇنيا مۇزىكا ساھەسىدىكى تەسىر كۈچى ئەڭ زور 10 تالانت ئىگىسى

xjmukammal 欧美女星 2017-12-22 20:12:48 554

TOP-Music ئورگان تور بېكىتىگە ئەزا تورداشلار بېلەت تاشلاش ئارقىلىق مۇزىكا ساھەسىدىكى 10 نەپەر دۇنياۋى تالانت ئىگىسىنى باھالاپ چىقتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىدىن تاللانغانلار ئەڭ كۆپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە گوللاندىيە، ئاۋستىرالىيە، كانادا، جۇڭگو قاتارلىق 5 دۆلەتتىن تاللانغانلارمۇ بار.

بۇ قېتىملىق تاللاشتا جۇڭگو تەيۋەنلىك جوۋ جيېلۈن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 10 تالانت ئىگىسى قاتارىغا كىرىپ، تىزىملىكتىكى بىردىنبىر جۇڭگولۇق بولۇپ قالدى. تۆۋەندە بىز بۇ تالانت ئىگىلىرى ئىچىدە يەنە كىملەرنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ باقايلى:

جوۋ جيېلۈن (Jay Chou)

جۇڭگو تەيۋەنلىك زامانىۋى ئۇسلۇبتىكى ناخشىچى، مۇزىكا ئىشلىگۈچى، رېژىسسور، سىنارىسىت، نازارەتچى، سودىگەر، بىر تېز تاماقخانا مۇلازىمەتچىسىدىن بىر ئۇتۇق قازانغان مۇزىكانتقا ئايلانغان جوۋ جيېلۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلىگەن، كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئاسىيا بويىچە بۇ تىزىملىككە كىرگەن بىردىنبىر مۇزىكانت بولۇشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن.

ئەۋرىل لېۋىنى (Avril Lavigne)

كانادالىق ئايال ناخشىچى، ناخشا تېكىستى ئىشلىگۈچى، ئارتىس، 2010-يىلى ۋانكوۋېر قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. 2007-يىلى«Girlfriend» ناملىق ناخشىسى شۇ يىلدىكى ئەڭ داڭلىق ناخشىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ MTV ياۋروپا مۇزىكا مۇكاپاتى مۇراسىمىدا ئەڭ ياخشى ئايال ناخشىچى بولۇپ مۇكاپاتلانغان.

تىجىس ۋېرۋېست (Tijs Verwest)

گوللاندىيەلىك داڭلىق DJ پىرى، مۇزىكا ئىشلىگۈچى، 2002-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە ئۇدا 3 يىل دۇنيا بويىچە بىرىنچىلىكنى ساقلاپ كەلگەن، 57-نۆۋەتلىك گرەمىي ئەڭ ياخشى كىلاسسىك ئارىلاشما ئاۋاز ئۈنگە ئېلىش تۈرىدە مۇكاپاتلانغان.

لىنكىن باغچىسى (Linkin Park)

ئامېرىكا تولغىما مۇزىكا ئەترىتى، يېڭى دەۋر مۇزىكا ئەركىلىرى. باش ناخشىچى چېستىر بېننىڭتون، مايىك شىنودا، باس گىتارچى فونىكىس فاررېل، گىتارچى بىرەد دېلسون، دۇمباقچى روب بولتون ۋە DJ چىسى جوسىف ھان قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن.

بېن سىكوت (Ben Scott)

ئاۋستىرالىيەلىك مۇزىكانت، «قاتمۇقات سۈيقەسىت»نىڭ باش مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن. شۇنداقلا نۇرغۇن كىنولارنىڭ باش مۇزىكىسى ۋە ئويۇنلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن. 2002-يىلى 11-ئايدا بېن سىكوت ئۆيىدە ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلىۋالغان، ئۇ شۇ يىلى ئەمدىلا 33 ياشتا ئىدى.

ئىنىگما مۇزىكا ئەترىتى (Enigma)

ئىنىگما سىر دېگەن مەنىدە. بۇ بىر مۇزىكا گۇرۇپپىسى بولۇپ، 1990-يىلى قۇرۇلغان. مايكول كىرىتو ۋە ئايالى ساندىرا كىرىتو بىللە تەشكىللىگەن. سېھرىيىزىم ئۇسلۇبى بىلەن نۇرغۇن مەستانىگە ئىگە بولغان، ھازىرقى زامان ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكىلىرى بىلەن بىر خىل ئادەمنى زاماندىن ھالقىغاندەك خاتا تۇيغۇغا ئەكىلىپ قويىدىغان مۇزىكىلارنى ئىشلىگەن.

ئېمىنىم (Eminem)

رەپ ناخشىچىسى، 2000-يىلى «The Slim Shady LP» ناملىق پىلاستىنكىسىغا تايىنىپ 42-نۆۋەتلىك گىرەممىي ئەڭ ياخشى رەپ ناخشىچىسى ۋە ئەڭ ياخشى رەپ پىلاستىنكىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2001-يىلى «The Marshall Mathers LP» پىلاستىنكىسى بىلەن 43-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى رەپ ناخشىچىسى، ئەڭ ياخشى رەپ گۇرۇپپىسى، ئەڭ ياخشى رەپ توپلىمى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى «8 ئىنگىلىز مىلى» (8英里)نىڭ ناخشىسى «Lose Yourself»نى ئورۇنداپ، ئوسكار ئەڭ ياخشى ئىجادىيەت مۇزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

تۇپاك ئامارۇ شاكۇر (Tupac Amaru Shakur)

ئامېرىكىلىق رەپ ناخشىچىسى، ئارتىس، پۈتۈن دۇنيادا پىلاستىنكىسى 75 مىليون پارچە سېتىلىپ، رېكورت ياراتقان. تارىختىن بۇيانقى ئەڭ بازارلىق خىپ-خوپ مۇزىكانتى بولۇپ، MTV مۇكاپاتىدا «تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ رەپ ناخشىچىسى» تىزىملىكىدە ئىككىنچى بولغان، 1996-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى باشقىلار تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلۇپ، 4 پاي ئوق يېگەن، 6 كۈندىن كېيىن، نەپەس يولى ۋە يۈرىكى ئېغىر زەخمىلەنگەچكە قازا قىلغان.

مايكول جېكسون (Michael Jackson)

ئامېرىكىلىق ناخشىچى، ناخشا تېكىستى ئىجادىيەتچىسى، ئۇسسۇلچى، ئويۇن قويغۇچى، ساخاۋەتچى، مۇزىكانت، ئىنسانپەرۋەلىك تەشەببۇسچىسى، تىنىچلىقپەرۋەر تەشەببۇسچىسى، ساخاۋەت ئورگىنى قۇرغۇچىسى. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ ھازىرقى زامان مۇزىكا دەۋرىنى بەرپا قىلغان. دۇنيا مۇزىكا ساھەسىدە، تاماشا چەمبىرىكىدە مىسلىسىز، ھېچكىم ئورنىنى ئالالمايدىغان گىگانت شەخسكە ئايلانغان، 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى 50 يېشىدا ۋاپات بولغان.

مارلىن مەنسون (Marilyn Manson)

ئامېرىكا ئېغىر مېتال مۇزىكا ئەترىتى «مارلىن مەنسون» نىڭ ناخشىچىسى، تولغىما مۇزىكا ناخشىچىسى، مۇزىكا ئىشلىگۈچى، ئارتىس، رېژىسسور، 1998-يىلىدىن باشلاپ، تاتىراڭغۇ ئەرۋاھتەك ياسىنىپ، «Mechanical Animals» ناملىق پىلاستىنكىنى ئىشلەپ تارقاتقان. بۇ پىلاستىنكا بىلبورد (داڭلىق مۇزىكا ژۇرنىلى-ت)تا تاجدار پىلاستىنكا بولۇپ قالغان. ۋەكىللىك ئەسىرى «ئۈچ تىرىلوگىيە» (三部曲).

مەنبە:نۇر تورى


取消

感谢您的支持鼓励,我会继续努力的!

文章地址:

用户邮箱:

打赏金额:USDT

点击”去打赏“,即可进行打赏支持本文章哦

发表评论